ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىلمىغان ھېكايىلىرى: زۇلۇم ئاستىدىكى قارشىلىق سادالىرى‬

ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئارخىب ئامبىرى ئۆزىنىڭ ئۈچۈنجى كىتابى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىلمىغان ھىكايىلىرى»نى ئۇيغۇرتىلىدا نەشىر قىلغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ. كىتاب تەشۋىقاتى 1-ئاينى 10-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئازاب-ئوقۇبەت، دەرد-قايغۇ ھەم ئۈمۈد بىلەن تولغان بىر داستاندۇر. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىلمىغان ھىكايىسى» دىگەن بۇ كىتاب گۇۋاھچىلارنىڭ ئۆزئاغزىدا بايان قىلغان ئەسلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇ تارىخى جەرياننى ھېچ بىزەكسىز، ئەينەن خاتىرلەيدۇ. بۇ كىتاب 1950- يىلىدىن تارتىپ ھازىرغاچە بولۇۋاتقان سىستېملىق زۇلۇم ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئەۋلاتنىڭ ئاۋازلىرىنى توپلىدى.
بۇ كىتاب «يەر ئىسلاھات ھەركىتى»، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»، «ئۇتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش دولقۇنى»، «غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە 2014- يىلىدىن باشلاپ كۈچەيگەن كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلار قاتارلىق بىرقانچە پاجىئەلىك دەۋىرلەرنى ھۆجقەتلەشتۈرگەن. بۇ ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى گۇۋاھچىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بولۇپ، جىمجىتلىققا ھۆكۈم قىلىنغان بىر دەۋىرنىڭ ياد نامىسىدۇر.

«تارىخ گۇۋاھچىلارنىڭ ئاۋازىدا ساقلىنىدۇ».
بۇ پەقەت بىر كىتابلا ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ يوقالماسلىقى ئۈچۈن بەرگەن جانلىق گۇۋاھلىقىدۇر.
خىتاينىڭ تۈرمە تاملىرى، لاگېر رېشاتكىلىرى توسۇپ قالالمىغان ئاشۇ «ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ئەمدى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. سىز كىتابنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، پەقەت ئەسىرلىك زۇلۇمنىڭ ئازابىنىلا ئەمەس بەلكى ئەڭ ئېغىر شارائىتلاردىمۇ تىز پۈكمىگەن بىر مىللەتنىڭ ئۆچمەس قارشىلىق ساداسىنى ئاڭلايسىز، ئۆلمەس روھىنى ھېس قىلالايسىز.

بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى ساقلاپ قېلىش- ئۇنىڭ كەلگۈسىنى قۇتقۇزىدۇ.
ئۇيغۇرچە نەشىرقىلىنغان بۇ كىتاب بىلەن بىز تارىخنى قوغداش، ئۈچۈرۈلگەن ئاۋازلارنى ياڭرىتىش ۋە بۇ ھەقىقەتنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋەدىمىزنى يەنە بىرقىتىم ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

كىتابنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.