ئۇيغۇر ئەدىليە ئارخىپ ئامبىرى يېقىندا بېركشىر خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق كىنو فېستىۋالى ھەمكارلىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ يىل ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى ئېكراندىن ھالقىپ دىسىراپت كىنو-فىلىم ھەمكارلىق شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ، ئۆزگىچە مەۋھۇم رېئاللىق كۆرگەزمىسىنى نامايان قىلدى.كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ رېئاللىق كۆرۈنىشى كۆرسىتىلدى. فېستىۋالغا قاتناشقۇچى ئامما بۇ مەۋئۇم رېئاللىقنى سېناپ بېقىش ئارقىلىق ،ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ تۇرىلىۋاتقان جازا لاگىرىدىكى *ھەقىقىي ھايات * نى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇ مەۋھۇم رېئاللىق تەجىربىسىنى ئىلىپ بېرىش جەريانىدا جازا لاگىرىغا بولغان تونۇشى توغرىسىدا مۇھىم سۆھبەتلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى. ۋە داۋاملىق ى شەكىلدە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقوق كرىزىسىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.ق
فېستىۋال مەزگىلىدە ئاممىلار «بارلىق تۇراقلىق ۋە شاۋقۇن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇشىغا قاتناشتى. كۆرگەزمىدىن كېيىن ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ فىلىم ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق ، فىلىمغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئامبىرى يەنى ئۇلار نەشر قىلغان ئىككى كىتاب ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى.ە
بۇ ھەمكارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋھۇم رېئاللىقنى ئىشلىتىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن ۋە ياردەم قىلغان ياش پىدائىيلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.